ئىززەت پەقەت ئىسلام بىلەنلا قولغا كېلىدۇ
«رامىزاننىڭ بەشىنچى كۈنى»
الحمد لله رب العالمين والصلاة والسلام على أشرف الأنبياء والمرسلين, رب اشرح لي صدري ويسر لي أمري واحلل عقدة من لساني يفقهوا قولي...
بۇ ناھايىتى مۇھىم بايانلار بولۇپ، ھالاك بولىدىغانلارنىڭ پاكىت ئۇستىدە ھالاك بولىشى، ياشايدىغانلارنىڭ پاكىت ئۇستىدە ياشىشى ئۈچۈن، مەن ئۇنى ئىسلام ئۇممىتىگە نەسىھەت تەرىقىسىدە سۇندۇم.
ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالادىن يازغۇچىغا ۋە ئوقۇرمەنگە مەزكۇر يازمىنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن.
مەزكۇر يازما ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ زېمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇجاھىدلارغا نىسبەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقتىن، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە، روسچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچە ۋە تۇركىستانچە قاتارلىق ئالتە خىل تىلدا تەييارلاندى.
مەن مەزكۇر باياننى «رامىزاننىڭ بەشىنچى كۈنى» دەپ ئاتىدىم. چۈنكى بۇ كۈن – بۇ مەسىلە (يەنى باغدادى جامائىتىنىڭ مەسىلىسى)گە قارىتا، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەققىدە ھەل قىلغۇچ بىر كۈندۇر...
مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ كۈن – ھەل قىلغۇچى بىر كۈن ئەمەس. چۈنكى مەزكۇر ئىش ئۈزۈندىن بۇيان ماڭا ناھايىتى روشەن بىر ئىش ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، كۆرگۇچى ئەلۋەتتە ئاڭلىغۇچىغا ئوخشىمايدۇ.
بۇ كۈن – ھەرقانداق بىر ھەقنى ئىزدىگۈچىنىڭ نەزىرىدە ھەل قىلىشنى شەكىللەندۇردى. بەغدادى جامائىتىنىڭ ئىشى – ئۇلار ئەنسارلار تېرىسىدە بولغانلىقى ۋە تەشۋىقاتىنىڭ كۈچى زور بولغانلىقتىن، ئۈزۈندىن بۇيان كىشىلەرگە دىلىغۇللۇق ئېلىپ كەلگەن ۋە روشەن بولمىغان ئىدى. قاچانىكى بىز ئۇلار ھەققىدە سۆز قىلساق ۋە ئۇلارنىڭ ئەنسارلىقىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئۈممەتكە بايان قىلساق، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقاتى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، كىشىلەر بۇنى رەت قىلغان ۋە يوققا چىقارغان ئىدى. (مەزكۇر تەشۋىقاتنى) ئاڭلاپ ئۆزىنى يوقاتقان كىشى: «مەسىلە - ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىكەنغۇ!»- دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، «تەرەپ» سۆزى ھۆججەتكە مۇھتاج بولىدۇ-دە، ھۆججەت ئىزلەش باشلىنىپ كېتىدۇ. مانا بۇ چاغدا ئۇلار (يەنى دۆلەت) ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ-دە، يالغانلاردىن ۋە بوھتان قىلىپ، نۇرغۇن ئويدۇرمىلارنى ئوتتۇرىغان چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپ كىشىلەر قايمۇقىدۇ ۋە بەزىلىرى سۈكۈت قىلىش، توختاپ تۇرۇش يولىنى تاللايدۇ.
ئەمما بۈگۈن (رامىزاننىڭ بەشىنچى كۈنى) ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، چۈمپەردە ھەقىقەتەن ئېچىلىپ كەتتى. ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالا ئۇلارنىڭ باياناتچىسىنى شەرمەندە قىلىشنى خالىدى بولغاي -بۇ ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن ھەم لايىق بىر ئىش ئىدى– كۈزەتچىلەر زېھنىدە ماھىيەتلىك مەسىلە دەپ قارالغان بۇ دىندىن چىققۇچى جامائەتكە قارىتا ھۆكۈمدىكى ھەل قىلغۇچى مەسىلىنى، يەنى ھەقسىز رەۋىشتە مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش مەسىلىسىنى ئېچىپ بەردى.
خاۋارىجلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك سۈپەتلىرىدىن بىرى - مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈش بولۇپ، بۇ ھەممىگە مەلۇملۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇلار ئەھلى ئىسلامنى ئۆلتۈرىدۈ». مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈش - ئەلۋەتتە ئۇلارنى كاپىرغا چىقىرىش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
بۇ خىل جامائەتلەردىكى سۈپەتلەر خۇددى ئەھلى ئىلىملار زىكرى قىلغىنىدەك، گۇرۇھ ۋە مەزھەبلەردە مەۋجۇد بولغان تەشكىلى ۋە تەقلىدى سۈپەتلەردۇر. تەشكىلى سۈپەتلەر دېگەندە– ئەھلى ئىسلامنى ئۆلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ قېنىنى ھالال ساناش ۋە ھەقسىز رەۋىشتە مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش بىلەن بولىدىغان خاۋارىجلار پىرقىسىنىڭ سۈپىتىگە ئوخشاش سۈپەتلەردۇر. مانا بۇلاردىن باشقىلىرى بولسا، ئاشكارا ۋە روشەن سۈپەتلەردۇر.
بىز تۆۋەندە ھەقسىز رەۋىشتە مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ خەتەرلىك سۈپەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:
مەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن مۇنۇ گەپ-سۆزلەرنى ئەسلەۋاتىمەن: ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ شۇنداق ئېيتىمەنكى، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتى (يەنى دۆلەت)تىكى ئەنبارلىق ئىككىنچى نۇمۇرلۇق شەخس بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا شەخسى مۇناسىۋەت ھاسىل بولغان ئىدى. مەن ھەلەب ۋىلايىتىگە قاراشلىق رىيفۇل مۇھەندىسىندە بولۇپ ئۆتكەن دەسلەپكى جەڭدىن قايتقان چېغىمدا، ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم ۋە ئۇنىڭغا: ئى پالانچى! جەڭ باشلىنىپ كەتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن شۇنى سوراي، «جەيشۇل مۇجاھىدىن» (ئۇلار «جەيشۇل ھۆر»دىن تەشكىللىنىپ چىققانلار)نى سەن مۇرتەد دەپ قارامسەن؟ ئەگەر ئىش شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇنى ماڭا يەتكۈزگىن، مەن ئىشىمدىن توختاپ قالاي، دېدىم. ئۇ ماڭا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇرتەد ئىكەنلىكىنى بىلسەك، چوقۇم ئۇنى ئېلان قىلىمىز، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: لېكىن سېنىڭ قوغدىغۇچىلىرىڭ ۋە دەرۋازا ئالدىدىكى قاراۋۇللار ئۇلارنىڭ مۇرتەد ئىكەنلىكىنى دېيىشىۋاتىدۇ، بۇنى ماڭا چۈشەندۇرۇپ قويغىن! دېسەم، ئۇ ئوچۇق قىلىپ: بىز قاچان سۆزلەشنى، قاچان سۈكۈت قىلىشنى ياخشى بىلىمىز، دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلىپ چىقىپ كەتتىم. مەن بۇ سۆزلىرىمگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن.
بۇلارنىڭ ۋە «ئەھرارۇش شام»نىڭ ئوتتۇرىسىدا مەسكەنە دېگەن جايدا ئۇرۇش باشلانغاندا، ئۇلار «ئەھرارۇش شام»نىلا ئەمەس، بەلكى پۇتۇن «جەبھەتۇل ئىسلامىيە»نىڭ كۇفرىلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ۋە «جەبھەتۇن نۇسرە»نىڭ ئوتتۇرىسىدا دىرىزوردا ئۇرۇش باشلانغاندا، ئۇلار مەزكۇر رايۇندىكى «جەبھەتۇن نۇسرە»نى مۇرتەدكە چىقاردى. ھەلەبتىكى «جەبھەتۇن نۇسرە» بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا جەڭ باشلانغاندا، ئوخشاشلا ئۇلارنىمۇ مۇرتەدكە چىقاردى. ئۇلار بىلەن قەلەمۇندىكى «جەبھەتۇن نۇسرە»نىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ باشلانغاندا، يەنىلا ئۇلارنىمۇ مۇرتەدكە چىقاردى.
قاچانىكى قايسى بىر گۇرۇھ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلسا، ئۇلار بۇ كىشىلەرنى مۇرتەدكە چىقىرىشتى. لا حول ولا قوة إلا بالله.
بۈگۈنكى كۈندە «جۇندۇل ئەقسا» ۋە «ئەنسارۇددىن»دىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇلار (يەنى دۆلەت)كە قارشى ئۇرۇش قىلمايدۇ. مۇبادا ئۇلارمۇ قاچانىكى ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلسا، ئوخشاشلا ئۇلارمۇ مۇرتەدكە نىسبەت بېرىلىدۇ. سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئۇزاققا قالماي ئەسلەپ قالىسىلەر.
مۇمكىن بەزىلەر: «بۇ سۆزلىرىڭگە دەلىلىڭ نېمە؟ قەيەردە ئىسپاتىڭ بار؟ چۈنكى ئۇلار (يەنى دۆلەت) بۇ سۆزلىرىڭگە ئوخشىمىغان سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ»، دېيىشى مۇمكىن. مەن ئېيتىمەنكى، ئىلگىرى بۇ سوئالنى تاشلىغان بولساڭ ئىدى، مەيلى ئىدى. لېكىن بۈگۈن يەنى رامىزاننىڭ بەشىدىن كېيىن، ماڭا: «دەلىلىڭ نېمە؟» دەپ سوئال قويما. ساڭا ئۇلارنىڭ رەسمى باياناتچىسىنىڭ تەستىقى يېتەرلىك. ئەھلى ئىلىملارنىڭ ئارىسىدا كەلىمىلەرنى تەستىق بىلەن كەلتۇرۇش- دەلىللەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى.
مەن شۇنى دەيمەنكى، رامىزاننىڭ بەشىنچى كۈنى بولغان ئىش- ھەقىقەتەن بارچە سادىقلار (يەنى دۆلەتكە ياردەم بەرگۇچى سادىقلار)غا ۋە دۆلەت مەسىلىسىدە ھەقنى ئىزدەۋاتقانلارغا بىر ھەل قىلغۇچ ئالامەت بولدى.
بىر يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ باياناتچىسى «مۇباھەلە» (ئۆز-ئارا لەنەت ئېيتىشىش)نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مانا ئەمدى ھەق ئاشكارا بولدى، ئاللاھ ئۇنىڭ ساختىپەزلىكىنى، يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنى ئۇنىڭ ئۆز تىلى ئارقىلىق شەرمەندە قىلدى. بۇ (يەنى مۇباھەلە) ئاجايىپ بىر ئىش بولغان ئىدى. ۋاھالەنكى، (ئۇلار)- ئىسلام ئۈممىتىگە چۈشكەن بىر بالايى-ئاپەتتۇر.
مېنىڭ ۋە باشقا بىرسىنىڭ سۆزىنى قويغىن. چۈنكى رامىزاننىڭ بەشىنچى كۈنىدىكى مەسىلە- ئېتىقاد، تەۋھىد ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىش مەسىلىسىدۇر.
«كىمكى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلسا، ئۇلار شۇ كىشىلەرنى كۇفرىغا چىقىرىدۇ» دەپ بىر يىل ئەۋۋەل مەن ۋە باشقىلار ئېيتقان ئىدۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ياردەمچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى بۇنى يالغانغا چىقاردى، ئىنكار قىلدى. ئۇلارنىڭ باياناتچىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز باياناتىدا بۇنى ئىنكار قىلدى. ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش- ئۇ ئۆزىگە «مۇباھەلە» تەلەپ قىلدى ۋە ئىش باشقىلار ئېيتقاندەك بولىدىغان بولسا، يەنى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارنى ئۇلارنڭ كۇفرىغا چىقىرىدىغانلىقى راست بولىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ لەنىتىنىڭ ئۆزىگە بولۇشىنى سۆزلىدى. بۇنى بىر يىل ئىلگىرى چىقارغان «ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَلْ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَى الْكَاذِبِينَ – <ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن> دەپ ئۆز-ئارا دۇئا قىلىشايلى» دېگەن باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ مەزكۇر باياناتىدا مۇنۇلارنى ئېيتقان ئىدى: «ئۇلار دۆلەتنى <كىمكى ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلسا، ئۇ كىشى ئىسلامغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان كىشىگە ئايلىنىدۇ، دىندىن چىقىدۇ> ۋە دۆلەت <مۇسۇلمانلارنى، مەيدانى روشەن بولمىغانلارنى، (مۇسۇلمان بولۇش) ئېھتىمالى بارلارنى، باشقىلارغا مايىللىقى بارلارنى كاپىرغا چىقىرىدۇ> دەپ جويلىشىدۇ». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ھەم زىكرى قىلغان ئىدى: «ئى ئاللاھ! سېنى گۇۋاھلىققا تارتىمەنكى، بۇ يالغاندۇر، بوھتاندۇر. سەن بىزگە تىكلەپ بەرگەن ئەقىدە مەنھىجى بۇ ئەمەس. ئى ئاللاھ! كىم يالغانچى بولسا، ئۇنىڭ ئۇستىگە لەنىتىڭنى ياغدۇرغىن! بىزگە ئۇ كىشى بارىسىدا ئالامىتىڭنى كۆرسىتىپ بەرگىن!»
ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن لايىق بولغان نەرسە نىسىپ بولغان- بۇ باياناتچى مەزكۇر باياناتىدىن كېيىن، ھېجرىيە 1436- يىلى رامىزاننىڭ بەشىنچى كۈنى بىزگە «يَا قَوْمَنَا أَجِيبُوا دَاعِيَ اللَّهِ - ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەئۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ دەئۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار!» دېگەن يەنە بىر باياناتىنى چىقاردى. مەزكۇر باياناتتا ئۇ ئۆز تىلى بىلەن مۇنداق دەپتۇ: «فاحذر! فإنك بقتال الدولة الإسلامية تقع بالكفر من حيث تدري أو لا تدري - ئاگاھ بولغىن! ئەگەر سەن ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلساڭ، بىلىپ-بىلمەي كۇفرىغا چۇشۇپ قالىسەن». ئاجايىپ ئىش! بۇ- ھەقىقەتەن تاغلار ئۇنىڭدىن لەرزىگە كېلىدىغان كاتتا ئېغىر كەلىمىلەر بولدىكى، ئۇنىڭ دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ھەرقانداق كىشى كاپىر بولىدىكەن. ۋاھالەنكى بىر يىل ئاۋال ئۇ «مۇباھەلە» تەلەپ قىلغان ۋە ئىش ئۇنداق بولمىسا، ئاللاھنىڭ لەنىتىنىڭ ئۆزىگە بولىشىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئىلگىرى ئېيتقان شۇ سۆزلىرىنى يەنە قايتا تەكرارلايدىغان بولسا، بىز دەيمىزكى «ئامىين!». ئى ئاللاھ! ئامىين!...
ئى مۇسۇلمانلار (كېتىۋاتقان يولۇڭلاردىن) خاتىرجەم بولۇڭلار!
ئى (دۆلەتكە) سادىق، ياردەم بەرگۇچى! مانا بۇ باياناتتىن كېيىن، ساڭا يەنە قانداق دەلىل لازىم؟ مانا بۇ باياناتتىن كېيىن، ئۇلار (يەنى دۆلەت)نىڭ ئىشىدا دۇنيانىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدىن چىققان، ئەرەب-ئەجەملەردىن تەشكىللەنگەن مۇجاھىدلار جامائەتلىرىدىن ھەمىشە ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئى كىشى! ساڭا يەنە قانداق دەلىل لازىم؟
مەن دەيمەنكى، ئاللاھ بىلەن قەسەم، كىمكى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش، ئۇلارنىڭ قېنىنى ھالال ساناشتىن ئىبارەت بۇ خەتەرلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىسا ۋە ئۇنىڭغا قانائەت ھاسىل قىلسا -ۋاھالەنكى ئۇ كىشى مانا بۇنىڭغا ئوخشاش ئومۇمى ھالەتتە كاپىرغا چىقىرىشنىڭ خەتىرىنى ئۆز مەناسى بىلەن بىلگەن بولسا- ئاندىن شۇ قارارىدىن يانمىسا، مەزكۇر (كاپىرغا چىقىرىش) مەسىلىسىگە قارىتا ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتمىسە، مەن ئۇ كىشىنى پەقەت ئۇنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىلا ئۇنى بۇنىڭدىن چەكلەپ قالدى، دەپ ھېسابلايمەن.
بىز ئىسلامنى بۇزۇدىغان ئىشلارنىڭ ئون ئىكەنلىگىنى ئۈگەنگەن ئىدۇق. مانا بۈگۈنگە كېلىپ، ئۇلار ئىسلامنى بۇزۇدىغان يەنە بىر ئىشنى قوشۇشتى.
ئەقىدىگە، تەۋھىدكە، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالانىڭ دىنىغا ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا قارىتا، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بۇ بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشلەر- زادى قانداق ئىش؟!
شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رامىزاننىڭ بەشىنچى كۈنى- ھەربىر ھەقنى ئىزدىگۈچىگە ھەقىقەتەن بىر ھەل قىلغۇچ ئالامەتلىك كۈن بولدى. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ ياردەم قىلغىن!
ئى ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچى! ئى ئۇلارنىڭ ئىشىدا شەك قىلغۇچى! ئى مەن ھازىر زىكرى قىلغان ئىشلاردىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئىشىدا يەنە ئىككىلىنىپ قالغۇچى! مەن ئېيتىمەنكى، ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن بۇ جامائەتتەك ئەخلاقى ئەڭ ناچار ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ھېدايىتىدىن ئەڭ يىراق ھېچقانداق بىر جامائەتنى كۆرمىدىم. دىن دۇشمەنلىرىدىن نۇسەيرىييەلەر، رافىزىلار ۋە باشقىلارمۇ بىزگە قارشى چىققان. بىز ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدۇق ۋە كۆپ قۇربانلىقلارنى بەردۇق. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلاردىن بۇلار (يەنى دۆلەت)دىن ئاڭلىغاندەك سۆكۈش ۋە لەنەت قىلىشنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. ھەرخىل تەبىقىدىكى دىن دۈشمەنلىرى بىزگە مۇخالىپەتچىلىك قىلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلار (يەنى دۆلەت)نى خۇددى بۇلارغا ئوخشاش ئىسلام ئەخلاقلىرىدىن ئەڭ يىراقلاپ كەتكەن ھالەتتە ئۇچراتتۇق ۋە كۆردۇق. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسىدە كەلگەن مۇنۇ سۆزى كۇپايە قىلسا كېرەك: «ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئورۇن جەھەتتە سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغىنىڭلار- ئەخلاقىڭلار ئەڭ ياخشى بولغىنىڭلار.»
ئىش شۇنداق بولىدىغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنى بويىچە، بىز ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ ئېيتىمىزكى، ئۇلار (يەنى دۆلەت) ئەخلاق جەھەتتە جامائەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ناچار جامائەت. بىز ئۇلارنى كىشىلەر ئىچىدىكى پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ ھېدايىتىگە ئەڭ يىراق كىشىلەر دەپ ھېسابلايمىز. ئاللاھ بىلەن قەسەم، بىز ئۇلاردەك «تەقىييە» (يەنى كۆرۈنۈشتە ئىشلىرىنى سرتقى دۇنياغا ئاشكارىلىماسلىق)تا ئەڭ قاتتىق قەۋمنى كۆرمىدۇق. بىز بۇ ئىللەتنىڭ ھەقىقەتەن رافىزىلاردا مەۋجۇدلىقىنى بىلىمىز. بىز بۇ ئىللەتنى ئۇلار (يەنى دۆلەت)دىن كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، بۇنىڭ ئۇلاردا نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بايقىدۇق. مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش- تولۇق بىر يىل ئۇلاردىن يوشۇرۇنغان ھالەتتە تۇردى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى- ئەنە شۇ «تەقىييە»دىن پايدىلانغانلىقتىن بولدى. ئۇلارنىڭ «تەقىييە»لىرىنىڭ قاتارىدىن: «جەبھەتۇل ئىسلامىييە» ۋە «جەبھەتۇن نۇسرە»نى كاپىرغا چىقىرىش. ئۇلار «جەبھەتۇل ئىسلامىييە»نى كاپىرغا چىقارغانلىقى ھەققىدە ئوچۇق بايانات چىقاردى. لېكىن «جەبھەتۇن نۇسرە» ھەققىدە ئەنە شۇ «تەقىييە»دىن پايدىلىنىپ، تا ھارىرغە قەدەر، ئۇلارنىڭ «مۇرتەد»لىكى ھەققىدە سىرتقى تەشۋىقاتىدا بىرەر بايانات بەرمىدى. ۋاھالەنكى ئۈزۈن ۋاقىتلاردىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا بۇ- (يەنى <جەبھەتۇن نۇسرە>نى مۇرتەد دېيىش) مەشھۇر بىر ئىش. لېكىن - «ئەلقائىد»نىڭ (<جەبھەتۇن نۈسرە>دىن) باشقا تارماقلىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش مەقسىتىدە، ئۇلار بۇنداق قىلمىدى (يەنى بۇنى سىرتقا ئاشكارىلىمىدى). ئۇلار «ئەلقائىد»نىڭ بىرەر ئەزاسىنى كاپىرغا چىقىرىش سەۋەبلىك، ئومۇمى «ئەلقائىد» ئەزالىرىنى بىئارام قىلىشنى خالىمىدى. ۋاھالەنكى، ئۇلار ئۆزىگە قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر دەيدۇ، ئەلۋەتتە. گەرچە ئۇلار كىشىلەرگە مانا بۇ ئىللىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى بايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايمىز. مۇبادا داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولسا، ئۇلار شەيخ ئەيمەن «ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۆز ھېمايىسىگە ئالسۇن!»نى ۋە «ئەلقائىد»نىڭ قالغان بارلىق ئەزالىرىنى كاپىرغا چىقىرىشىدۇ.
ساڭا شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغان ئىشلارنى ئۈزاققا قالماي ۋاقىت ساڭا ئاشكارىلاپ بېرىدۇ...
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بوھتان چاپلاش، يالغانچىلىك قىلىشتا، ئۇلاردەك قاتتىق بىر جامائەتنى ۋە ياردەمچىلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەن بۇ سۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمى قىلمايمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى ئىچىدە يالغان ئېيتمايدىغانلارمۇ بار. لېكىن ئۇ- جامائىتىدىكى بۇرادەرلىرىنىڭ يالغان سۆزلەيدىغانلىقىنى ۋە بوھتان چاپلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇ- جازادىن قورقۇپ ياكى «مەن ئۇنىڭغا بۇيرىمىدىم، ماڭا تىل تەككۈزمە» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە سۈكۈتتە تۇرىدۇ.
مەن نۇرغۇن ۋاقىئەلەر ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزۈم گۇۋاھ بولغان كۆپلىگەن ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىمەن. مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغان ئىشلارنىڭ ئېغىرراقلىرىدىن: «ھۇمۇسلۇق ئەبۇل ھارىسنىڭ مەسىلىسى». ئۇلار (يەنى دۆلەت) بۇ مەسىلىدە يالغان ئېيتقان ۋە بوھتان چاپلىغان ئىدى. ئۇلار بىزدىن ئەبۇل ھارىس مەسىلىسىدە كۆپلىگەن قورال-ياراق ۋە مال-مۇلۇك ئالغان ئىدى. ئۇلار مېنى بۇ قوراللارنى ئۆتكۈزۈۋالدى، دەپ، بۇ مەسىلىدە كاتتا ئويدۇرمىلارنى توقۇپ چىقىشتى. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ ياردەم قىلغىن!
ئۇلارنىڭ يالغان ۋە بوھتانلىرىنىڭ قاتارىدىن يەنە، «داركۇش (ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە)دە پارتىلىتىش ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى». مەن ئىلگىرى بايان قىلغاندەك، بۇ پارتىلىتىشتا، ئۇلارنىڭ (ئادەم بومبىغا تەييارلىغان) ئادىمى پەقەت ئۆزىنىلا پارتىلاتقان ئىدى. لېكىن ئۇلار مەزكۇر پارتىلىتىشتا، دۈشمەنلەردىن 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى داۋا قىلىشتى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ فىلىم ئىشلىدى. ئۇلار ئىككى قېتىملىق پارتىلىتىشنىڭ ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. بۇنى ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە كۆپ كىشىلەر تەستىقلىغان ئىدى. بىز ئۇنى ئىنكار قىلىۋىدۇق، ئۇلار ئۈزۈن فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقاتتى. مەن ئۈچ ئاي ئىلگىرى -ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ كاززاپلىقىغا- ئۇلاردىن مۇباھەلە تەلەپ قىلغان ئىدىم. ئۇلار كېچىكتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. تاكى بۈگۈنگە قەدەر، بۇ ئىشقا، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا ۋە ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن يالغانچىلىقلىرى ھەققىدە، مەن ئۇلارنى مۇباھەلەگە چاقىرىق قىلىۋاتىمەن. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاززاپلىقىنى بىلگەچكە، بۇنى رەت قىلىۋاتىدۇ. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ ياردم قىلغىن!
ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنىڭ قاتارىدىن: مۇجاھىدلار ئىدلىب ۋىلايىتىدە بەشار ئەسەدكە قارشى جەڭ بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، غەلىبە-نۇسرەتلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان شۇنداق بىر پەيتلەردە، ئۇلار بۇ فەتھىلەرگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىش، بەششار ئەسەدنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىش يولىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا نىجاتلىق يولى ئېچىپ بېرىش، مۇجاھىدلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش... مەقسەتلىرىدە يېتىپ كېلىشتى. ئاندىن ئۇلار ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە يالغان توقۇپ، بۇ ئۇرۇشنى باشلىغانلارنىڭ (دۆلەتنىڭ سىرتىدىكى) مۇجاھىدلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدىكى ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلار سەۋەبىدىن كۆپ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرىغا ئالدىنىپ قالىدۇ. لېكىن ئاللاھ ھەقنى باتىلغا قارشى ھامان ئۇستۇن قىلىدۇ، مۇبادا ۋاقىت ئۇزارسىمۇ. مۇنداق بىر سۆز بار: «مۇمكىن سەن بەزى كىشىلەرگە بەزىدە يالغان سۆزلىيەلەيسەن، لېكىن ھەممە كىشىگە ھەرۋاقىت يالغان سۆزلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس».
ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنىڭ قاتارىدىن: ئۇلار خەلقتىن نىفىتنى چەكلىدى. مەسىلەن: دىزىل. ئۇلار بۇ شام دىيارىدىكى مىسكىن خەلقنىڭ ھاياتىنىڭ دىزىل ئۇستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ياخشى بىلىشىدۇ. دىزىل بولمىسا، ئاۋام خەلق توڭلاتقۇ، شامالدۇرغۇچ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچلىرىنى ئىشلىتەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ ئىشى قېيىنلىشىپ، نان باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. بۇ رامىزان ئېيى ئىسسىق يازدا كېلىپ، ئۇلارغا ئاچلىق، ئۇسسۈزلۈق ۋە ئىسسىق ھاۋا بىرلىكتە جۇغلىنىپ كەلدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۈندۈزى ھەم ئۈزۈن بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار كېچە-كۈندۈز بەغدادى ۋە ئۇنىڭ جامائىتىگە بەد دۇئا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار (يەنى دۆلەت) يالغان سۆزلەپ، دىزىلنى توختىتىۋەتكەنلەر باشقا جامائەتلەر دېدى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە –ئۇلارنىڭ دىزىلنى چەكلىمىگەنلىكى ھەققىدە- ھېلىھەم ئۇلارنى مۇباھەلەگە چاقىرىمەن. مەن دىزىل توشۇش ماشىنىلىرىنىڭ كىرىپ-چىقىش ئورنىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئۇ يەردە تەپسىلى تەكشۇرۇش ئېلىپ بارىمەن. بۇنى قىلىشىمدىكى سەۋەب- خەلققە شۇنى ئېنىقلاپ بېرىمەنكى، زادى كىم شامدىكى ئەھلى سۈننىلەرنى نۇسەيرىييەلەردەك مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى؟ نۇسەيرىييەلەر ئەھلى سۈننىلەرنى ھەلەب ۋە ئىدلىب ۋىلايەتلىرىدە مۇھاسىرىگە ئېلىۋالسا، دۆلەتمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. حسبنا الله ونعم الوكيل.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى، ئىمام-خاتىبلارنى ۋە ئومۇمىي كىشىلەرگە چاقىرىق قىلىمەنكى، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالاغا مۇباھەلە قىلىپ، ئۇلارغا بەد دۇئا قىلايلى. ئۇلارنىڭ شامدىكى ئەھلى سۈننىلەرگە قىلغانلىقلىرى، مۇجاھىد ئەركەكلەرنىڭ سەرخىللىرىنى قەتلى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بەرسۇن. قىساسىمىزنى ئېلىپ بەرسۇن. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ ياردەم قىلغىن!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، پەقەت ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالانىڭ دىنىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمۈد قىلىپ ۋە ئىسلامىي خىلاپەتنى تىكلەش ئۈچۈن دۆلەتكە كەلگەن ئى سادىق! ئاللاھ يولىدىكى جىھادنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ياشلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، مۇجاھىدلار سېپىنى بۆلۈۋاتقان ۋە جىھادنى ۋەيران قىلىۋاتقان ئاشۇ يالغانچى رەھبەرلەر سېنى ئاللاھنىڭ دىنى بارىسىدا ئالداپ قويمىسۇن!
ئۆز نەپسىڭ بارىسىدا ئاللاھتىن قورققىن! بۈگۈنكى مەسىلە – قان مەسىلىسى، مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش مەسىلىسى. سەمىمىيلىك بىلەن ئۆز نەپسىڭگە ئىگە بولغىن! مەيدانىڭدىن ۋاز كەچ! چۈنكى مەن ۋە سەن يا ئوق، يا بومبا، يا بومبا پارچىسى، يا راكىتا، ياكى ئاللاھ بىزگە ئىرادە قىلغان مەلۇم بىر ئۆلۈم بىلەن ئەتە بۇ دۇنيادىن خوشلىشىمىز. ئاندىن ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالانىڭ ئالدىدا تۇرىمىزكى، مەزلۇم ئۈچۈن زالىمدىن قىساس ئېلىنىدۇ.
ئى سادىق! ساڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئاللاھ بىلەن قەسەم، بۇ جامائەت ھامان بىر كۈنى يوقۇلىدىغان جامائەتتۇر، مەن بۇنىڭغا شەك قىلمايمەن.
ئەگەر بۇ جامائەت ھەق ئۇستىدە بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ زۇلۇمى يەكۈنلەنگەن بولاتتى. ۋاھالەنكى، ئۇ باتىل ئۇستىدە، زۇلۇم كوچىسىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئەھۋال قانداق بولماقچى؟ ئۇ ھەقسىزلىك بىلەن مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش، ئۇلارنىڭ قېنىنى ھالال ساناش مەنھىجىدە. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئەھۋال قانداق بولماقچى؟ بۇزۇق مەنھەج بىلەن كاتتا زۇلۇمنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئۇنى مۇسۇلمانلار ئۇستىگە تاشلىغان بۇ جامائەتنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق بولماقچى؟ قانداقمۇ ئۇ زاۋال تاپماي مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ؟
ھەرقانداق بىر زالىم ئۇستىدىكى ئاللاھنىڭ سۈننىتى – ئۇنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدۇر. خاۋارىجلارنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇستىدىكى ئاللاھنىڭ سۈننىتى – ئۇنىڭ زاۋال تېپىشىدۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۇلار (خاۋارىجلار)نىڭ بىر زامان ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۈزۈلىدۇ».
ساڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر ساڭا ھەق ئېلىشىپ كەتكەن بولسا، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆز نەپسىڭگە ئىگە بولغىن! ئەگەر بۇ شەرەپلىك ئايدا سەمىمىيلىك بىلەن دۇئا قىلساڭ، يىلىنساڭ، تىلىسەڭ، ئاللاھ سېنى ئۆز ئىزنى بىلەن ھەققە يېتەكلەيدۇ. ئەگەر سەن ئاللاھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ يولىنى ساڭا كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورىساڭ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەق ساڭا ئاشكارا بولىشى كاپالەتلىك بىر ئىش...
مەن شۇنى بىلىمەنكى، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىشىڭ ھەقىقەتەن قېيىن. لېكىن ئۆزۈڭنى خەتەرگە يۈزلەندۇرۇپ، زېمىننىڭ يىراق جايلىرىدىن ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالانىڭ دىنىنىڭ نۇسرىتى ئۈچۈن، شاھادەت ئۈچۈن كەلگەن سەندەك بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ پىرقىنى تەرك ئېتىشكە جەزمەن قادىر بولالايسەن.
ئى سادىق! مەن ساڭا شۇنداق ئېيتىمەنكى، بۇ مەيدانىڭدىن دەرھال ۋاز كەچ. بۇ يەردىكى مەسىلە – شەخسي مەسىلە ئەمەس. بەلكى بۇ – دىن مەسىلىسى. ئاخىرى بارىدىغان جايىمىز – ئاللاھنىڭ ھوزۇرى. بۇ - ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالانىڭ ئالدىدا تۇرۇش مەسىلىسى. قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق دېگەن كەلىمە سىلەرگە توغۇرلانغاندا قانداق قىلىسىلەر؟ مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقارغانلىقىڭلارغا قانداق قىلىسىلەر؟ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگاردى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەندە يالغۇز تۇرىدىغان شۇ كۈندە، جىھاد مەيدانلىرىدىكى بۆلگۈنچىلىكىڭلار ئالدىدا قانداق قىلىسىلەر؟ ئەگەر ساڭا ھەق ئېلىشىپ كەتكەن بولسا، ساڭا شۇنى دەيمەنكى، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالا ھەق روشەن بولمىغاندا قانداق قىلىشنى ئوچۇق بايان قىلغان. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿...فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ – ئەگەر سىلەر بىرەر ئىشنى بىلمىسەڭلار، ئۇنى ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار﴾ (النحل: 43 والأنبياء: 7) بۇ ئاللاھنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتى بولۇپ، كۆپلىگەن ئۆلىمالار بۇ تائىپە (يەنى دۆلەت)نىڭ ئازغۇنلۇق ئۇستىدە ئىكەنلىكىگە ئىجماغا كەلدى. بەلكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ جۇمھۇر (يەنى كۆپچىلىك) ئۆلىمالىرى بۇ جامائەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جەھەننەم ئەھلىنىڭ ئىتلىرى» دەپ سۈپەتلىگەن خاۋارىجلار جامائەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا بايان قىلىشتى.
شۇڭا سېنى ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئۆز نەپسىڭنى ئالدىما ۋە ئۇنى خەتەرگە تاشلىما. ھاياتلىق - ساڭا بىرلا قېتىم بېرىلگەن، ئۆلۈش ھەم بىرلا قېتىم. شۇ ۋەجىدىن ھەمىشە ئاللاھنىڭ يولىدا بولغىن!
مۇبادا بۇ مەسىلىدە ئالىم، مول ئىلىم ساھىبى، ھەدىسشۇناس - شەيخ تەرىيفى (ئاللاھ ئۇ كىشىنى قوغداپ قالسۇن!)نىڭ پەتىۋاسى بولسىلا كۇپايە قىلاتتى. ئۇ (ئۇلار ھەققىدە) مۇنداق پەتىۋا بەرگەن ئىدى: «ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەن، ئازراقمۇ شەك قىلمايمەنكى، ئۇلار (يەنى دۆلەت)-خاۋارىجلاردۇر. كىمكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلسە، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەردىنمۇ بەكرەك كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ». ئۇسۇل ئىلىملىرىدا كاتتا ئالىم - شەيخ ئەبۇ قەتادە ۋە ئۇلاردىن باشقا، جىھاد ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە قارىتا كۆرسەتكەن ياردەملىرى، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ھەق ئۈچۈن تىك تۇرۇشلىرى، مالامەتچىنىڭ مالامىتىگە پەرۋا قىلماسلىقى قاتارلىق ساھەلەردە تونۇلغان كاتتا ئۆلىمالاردىن كۆپچىلىكلىرى ھەم شۇنداق پەتىۋالارنى بېرىشتى.
بۇ يەردە مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، كىمكى مەندىن مېنىڭ بۇ جامائەت (يەنى دۆلەت)كە بولغان كۆز-قارىشىمنى سورىسا، ئۇنىڭغا دەيمەنكى، مېنىڭ قارىشىم– شەيخ تەرىيفى، شەيخ ئەبۇ قەتادە كەبى شەيخلىرىمىز ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ قاراشلىرىدىن ئازراقمۇ سىرتقا چىقىپ كەتمەيدۇ. يەنە شۇنى دەيمەنكى، ئى دىلىغۇللۇقتا قالغۇچى! ئۆلىمالارغا ئەگەشكىن! ئۇلار – ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن نۇردۇر. ئەگەر بىر كىشى بىر ئالىمدىن مەسىلە سورىغان بولسا، ئۇ ئالىم ئۇنىڭ مەسىلىسىگە پەتىۋا بەرگەن بولسا، (ئەگەر بەرگەن پەتىۋا خاتا بولۇپ قالسا) ئۇنىڭ گۇناھى شۇ پەتىۋا بەرگۇچىگە بولىدۇ. ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالادىن سېنى يىراقنى كۆرەر قىلىپ بېرىشىنى، ساڭا ھەقنى روشەنلەشتۇرۇپ بېرىشىنى سورايمەن...
بۇ جامائەتكە ياردەم بېرىۋاتقان ئى قوللىغۇچى! ئى تەشۋىقاتنىڭ توزانىغا چۇشۇپ كەتكۈچى! سەن ئۇلارغا يىراقتا تۇرۇپ ياردەم قىلىۋاتىسەن. ۋاھالەنكى، جىھاد مەيدانلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كېچە-كۈندۈز ئۇلار ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقان ئۆلىمالارنىڭ بارلىقىدىن سەن بىخەۋەر. مەن بۇنى ھەقىقەتەن كۆرۈپ تۈرۈۋاتىمەن. سەن شۇنى بىلىسەنكى، ئۇ ئۆلىمالار ئاشۇ سۆزلىرى بىلەن بىرەر ھاكىمنى رازى قىلالمايدۇ. ئۇلار شۇ سۆزلىرى بىلەن بىرەر تاغۇتقا خوشامەتچىلىك قىلمايدۇ ۋە بىرەر كىشىنىڭ دوستلىقىنى ھەم ئىزلەپ سۆز قىلمايدۇ. بەلكى، تېخى ئۇلار ئەنە شۇ سۆزلەرنى قىلغان چاغدا، كېچە-كۈندۈز ئۆزلىرىنى خەتەرگە توغۇرلايدۇ. ئۇلار نۇسەيرى كاپىرلىرىنىڭ خەتىرى ئۇستىگە، بۇ ۋە باشقا ئورۇنلاردا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، ئۇلارغا پارتىلاتقۇچ ماددىلار بېسىلغان ماشىنىلارنى ئەۋەتىش دېگەندەك بۇ خەتەرنى ھەم زىيادە قىلىۋالىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ- بىز ئۇنى دىن قىلىپ تاللىغان ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالانىڭ دىنىنىڭ مەسىلىسىدە!
ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق، سېنىڭ ئۇلار (يەنى دۆلەت)كە ياردەم بېرىشىڭگە نېمە تۈرتكە بولىۋاتىدۇ؟ ۋاھالەنكى، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشكە يېرىم كەلىمە سۆز بىلەن ياردەم قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بوينىغا <ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالغۇچى> دېگەن خەت يېزىلغان ھالەتتە ئاللاھقا ئۇچرىشىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلىسەن. ئۆلىمالار بۇنىڭ تەپسىرىدە: [كىمكى «اق» (يەنى ئەلىف ۋە قافتىن تۇزۇلگەن <اقتل-ئۆلتۈر> دېگەن كەلىمىنىڭ بېشىدىكى <اق>)نى دېسە، گەرچە ئۇ <ئۆلتۈر> دېگەن كەلىمىنى تولۇق دېمىگەن بولسىمۇ، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى بوينىغا «ئاللاھنىڭ رەھمىتىن مەھرۇم قالغۇچى» دېگەن خەت يېزىلغان ھالەتتە ئاللاھقا ئۇچرىشىدۇ] دېگەن.
ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ۋاقتىڭدا، سەن ئۇلارنى تاغۇتلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ ياكى سەلىبچىلەرگە قارشى جەڭ قلىۋاتىدۇ ۋەياكى ئۇندىن باشقا جەڭلەرنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن. لېكىن ھەقىقەتتە، سەن ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىۋاتىسەن. ئۇلار قىلىۋاتقان بارچە ئىشلارغا مەدەت بېرىۋاتىسەن. ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەققىدە مۇسۇلمان ياشلىرىنى ئالداۋاتىسەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن جەزمەن چوڭ بىر يۈكنى كۆتۈرگەن ھالەتتە قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىسەن. (بۇ چاغدا) ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا چوقۇمكى سەن ئۈچۈن شىكايەتچىلەر بولىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارلىق شىكايەتچىلەر جەملىنىدۇ.
ئاللاھدىن مېنى، سېنى ۋە بارلىق مۇسۇلمان ياشلىرىنى ھەققە يېتەكلىشىنى سورايمەن. ئاللاھ بىزگە ھەقنى ھەق كۆرسەتسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى رىزىق قىلىپ بەرسۇن! بىزگە باتىلنى باتىل كۆرسەتسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى نىسىپ قىلسۇن! مانا بۇلارنى مەن ئاللاھقا ئىخلاس قىلغان، مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلغان ھالدا بايان قىلدىم. ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ئۇ ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
دوكتۇر شەيخ ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەيسىنى
16